ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2091094
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، بەش كىشىنىڭ ئۆلۈشى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ ئەلئەمەل مەھەللىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بولسا، ئىككى ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

دەۋۋار ئەبۇ مازىن رايونىدىمۇ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىن قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك 1-ئاينىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەپتىسىدە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى پىلانلانغان 29 ياردەم بولىقىنىڭ پەقەت 7 سىنىڭ تولۇق ياكى قىسمەن يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە غەززەدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەھدىتىگە ئىشارەت قىلىپ، يېتەرلىك دەرىجىدە پاكىز سۇ بولمىغاچقا، 152 مىڭ كىشىدە ئىچى سۈرۈش كېسىلى بايقالغانلىقىنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقىنى، كېسەللىكلەرنىڭ يېرىمىنىڭ 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

غەززەدە 8 كۈن ئىلگىرى توختاپ كەتكەن خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ پەلەستىن تېلېگراف شىركىتى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان تالاپەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر