ئامېرىكا بىلەن ھۇسىيلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلدى

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار ئەدەن بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ دەل تەگكۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

2090675
ئامېرىكا بىلەن ھۇسىيلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ ئارمىيە باياناتچىسى يەھيا سەرى ئۆزلىرىنىڭ «ئەل ماسىراھ» تېلېۋىزىيەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «ھەربىي قىسىملىرىمىز ئىزىلگەن پەلەستىن خەلقىگە ياردەم قىلىش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا جاۋابەن، دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىمىز ئامېرىكانىڭ ئەدەن بوغۇزىدىكى <كىم رانگېر> پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى، بومبىلار نىشانغا دەل تەگدى» دېدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى بولسا، يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار كونترول قىلىۋاتقان رايوندا ئىككى دانە پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) يېقىنقى كۈنلەردە قىزىل دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان گۇرۇپپىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «قىزىل دېڭىزدا قاتناش-تىرانسپورتنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئامېرىكا ۋە شېرىكلىرىنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان كۆپ دۆلەتلىك تىرىشچانلىقلار ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى  18-يانۋار  يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلانغان ۋە  قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىنى نىشانغا ئالغان ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، پاچاقلاپ تاشلانغان ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سودا پاراخوتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ھەربىي پارخوتلىرى ئۈچۈن «چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكى، «ئۆزىنى قانۇنلۇق قوغداش ھوقۇقى» مەقسىتىدە پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 31-ئۆكتەبىردىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسىپورت شىركەتلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر