پاكىستان ئىراننىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

پاكىستان قوشنىسى ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2089683
پاكىستان ئىراننىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىراننىڭ پاكىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا سەۋەبسىز دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى كۈچلۈك ئەيىبلەندى ۋە ھۇجۇمدا ئىككى كىچىك بالا قازا قىلىپ، ئۈچ بالىنڭ يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلارنىڭ كىچىك قىزلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، پاكىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل ئالاقە قاناللىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، بۇ خىل قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ كىشىنى تېخىمۇ بەك ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «پاكىستاننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېھراندىكى ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزۈلدى» دېيىلدى.

ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتلىرىنىڭ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان جاۋابكارلىقنىڭ بىۋاسىتە ئىرانغا تەۋە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

پاكىستاننىڭ ھەر دائىم تېررورلۇقنىڭ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئورتاق تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «بۇ خىل بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ماس كەلمەيدۇ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر