ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە رايوندىكى تەھدىتلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە «رايوندا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگۈسى تەسادىپىي ۋەقەلەرگە قارشى» ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

2089167
ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە رايوندىكى تەھدىتلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —كيودونىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توكيو ۋە كانبېررا ھۆكۈمەتلىرى شەرقىي ھەمدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسى بىلەن ئاۋسترالىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، تىنچ ئوكيان بويىدىكى ئىككى قوشنا دۆلەت، «خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىن رايونلاردىكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى»نى كۈچەيتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر