بۇلغارىيە بەش مىڭ ناتو ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تودور تاگارېف بۇلغارىيەنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا، 5 مىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2089378
بۇلغارىيە بەش مىڭ ناتو ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تودور تاگارېف bTV ناملىق بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بەردى؛ يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختالغان تاگارىف، بۇلغارىيەدە قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ناتو ھەربىي بازىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇل- ئەسلىھەلەرگە تەخمىنەن 6 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ناتو خادىملىرى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بازىدىن باشقا، تاشيول، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە باشقا خىزمەتلەرنىڭمۇ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كېرەكلىك مەبلەغنىڭ ئامېرىكا، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل فوندىلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تاگارېف، ناتونىڭ قارارىغا ئاساسەن يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ناتونىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى (دۆلەت ھالقىغان) بارلىق جەڭچى قىسىملارنى بىرىگادا جەڭ گۇرۇپپىسىغا ئۆزگەرتىش پىلانلاندى. باتالىيوندىن بىرىگاداغا ئۆزگىرىدىغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھەر بىرىدىكى خادىملار سانى 5 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇ ئىش ئەمەلىيلىشىدۇ، ئەمما ھازىرچە بىزنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىمىز يوق. بىز بۇ خىل ئەھۋاللارغا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر