ب د ت كومىسسارى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈردى.

2088691
ب د ت كومىسسارى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپ لاززارىنى مىسىر ھۆكۈمىتىگە يېقىن «قاھىرە ئەل ئىخبارىيە» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، غەززەنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ب د ت ئەمەلدارى: «مىسىر تەرەپ ۋەقە باشلانغاندىن بۇيان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى بىر كۈنمۇ تاقاپ باقمىدى. غەززە رايونىغا ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ۋە مەسىلە چىقىرىۋاتقان تەرەپ (ئىسرائىلىيە)  ئىجرا قىلىۋاتقان بەلگىلىمىلەردۇر» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى ئىسرائىلىيەنىڭ (ئايال ، كىچىك بالا ئايرىپ ئولتۇرماستىن قىلىۋاتقان) قالايمىقان ھۇجۇملىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «دۇنيا ئىسرائىلىيە ئۆلۈم ماشىنىسىنىڭ بىگۇناھلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدى» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 24 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر