ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ بىر قانچە شەھىرىدىكى بەزى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.

2087854
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
rishi sunak.jpg
abd savaş uçağı

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كېچە (11-يانۋار9 پايتەخت سانائا، ھۇدەيدە ۋە تائىز شەھەرلىرىدە بەزى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قىزىل دېڭىزدد ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇسىيلارنى نىشان قىلغان ھاۋا بومباردىمانى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۈگۈن پەرمانىم بويىچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئەنگلىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئاۋستىرالىيە، بەھرەين، كانادا ۋە گوللاندىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھۇسىي ئىسيانچىلىرىنىڭ بەزى نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى» دېدى.

ئۇ ھۇسىيلارنىڭ 9-يانۋار (2024) ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا قىلغان بىر قاتار ھۇجۇملىرىغا، خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«يەمەندىكى بومباردىمانلار، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سودا لىنيەلىرىدىن بىرىدە سەپەر ئەركىنلىكىنىڭ خەتەرگە ئىتتىرىلىشىگە ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. زۆرۈر تېپلغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا ئىككىلەنمەيمىز.»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەنگلىيە ھەر قاچان سەپەر قىلىش ئەركىنلىكىنى ۋە سودىنىڭ ئەركىن بولۇشىنى قوغدايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھۇسىيلارغا زەربە بېرىش ۋە دۇنيا دېڭىز قاتناش-تىرانسىپورتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيە، كانادا ۋە بەھرەيننىڭ قوللىشى ئاستىدا ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا چېتىلىدىغان نىشانلارنى ئۆزىمىزنى قوغداش ھوقۇقىمىز رامكىسىدا، چەكلىك، زۆرۈر ۋە تەڭپۇڭ شەكىلدە بومباردىمان قىلدۇق.»

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى ئوستىن ھۇسىيلارنىڭ ئۇچقۇلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، رادار ۋە كۆزىتىش سىستېمىلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمەلدارلار، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ھۇسىيلارنىڭ 12 نىشانىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، بومباردىمانلارنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلار ۋە توماخاۋك (Tomahawk) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە، قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن پاراخوت شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدا سەپەر قىلىشنى توختاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر