بلىنكېن-نېتانياھۇ كۆرۈشۈشى «جىددىي كەيپىيات» ئىچىدە ئۆتكەن

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ «جىددىي كەيپىيات» ئىچىدە ئۆتكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ «ئۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

2086706
بلىنكېن-نېتانياھۇ كۆرۈشۈشى «جىددىي كەيپىيات» ئىچىدە ئۆتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى نېتانياھۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ «جىددىي كەيپىيات» ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ھازىرغىچە كۈتۈلۈۋاتقان يازما باياناتنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلاردىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا «ئۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى» ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، «ۋاشىنگتوننىڭ سەۋرى تاشماقتا» دېيىلدى.

بلىنكېن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە زىيارىتىدىن كېيىن، تەرتىپى بويىچە ئىيوردانىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ دۈشەنبە (8-يانۋار) كۈنى ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ، باش مىنىستىر نېتانياھۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز ۋە ئۇرۇش كابېنتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئۇ يەنە، زىيارىتى رامكىسىدا ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت، ئۇرۇش كابېنتى ئەزاسى بېننىي گانتز ۋە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى يائىر لاپىد بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

غەززە ئۇرۇشى باشلانغان 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان بەشىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بلىنكېنن تېل ئاۋىۋدىن كېيىن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغقىدىكى مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئارقىدىن مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر