خىتاي ئۈچ دۆلەت يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ «ئۈچ تەرەپ ھىندى-تىنچ ئوكيان دىيالوگى» يىغىنىدا ئېلان قىلغان خىتابنامەسىدە زىكىر قىلىنغان جەنۇبىي دېڭىز بىلەن تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2086110
خىتاي ئۈچ دۆلەت يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق نامى ئاستىدا باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەپ، خىتايغا قارا چاپلىغانلىقىنى، تىركىشىش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ رايوننىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا كۈچ كۆرسىتىپ، تىركىشىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بىۋاستە، دىيالوگ ۋە كېڭىشىش يولى ئارقىلىق مۇۋاپىق ھالدا باشقۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھەق-ھوقۇقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ» دېدى.

ئۇ ئۈچ دۆلەتنى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، سوغۇق ئۇرۇش لوگىكاسىدىن ۋاز كېچىپ، رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىش ۋە قۇتۇپلار ئارىسىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رايون ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسى، گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس.»

ئۇ تەيۋەن ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى. چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.»

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە 6-يانۋار (2024) ئېچىلغان «ئۈچ تەرەپ ھىندى-تىنچ ئوكيان دىيالوگى» يىغىنىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «خەتەرلىك ۋە مەسىلىنى ئۇلغايتقۇچى» ھەرىكەتلىرىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۈچ دۆلەت يىغىندا، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر