ھەنىييە: ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان سىرتتىكى غەززەلىكلەر قايتىپ كەلدى، ئىچىدىكىلەر چىقىپ كەتمىدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇنچە قىرغىنچىلىق ۋە قەتلئاملىرىغا قارىماي، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ھېچقانداق نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

2086419
ھەنىييە: ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان سىرتتىكى غەززەلىكلەر قايتىپ كەلدى، ئىچىدىكىلەر چىقىپ كەتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمائىل ھەنىييە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى»نىڭ 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھۇجۇم قىلىپ، ھاماسنى يوقىتىپ، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇپ، پەلەستىنلىكلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەنىييە: «ئىسرائىلىيە غەززەدە سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارغا قارىماي، ھېچقانداق نىشانىغا يېتەلمىدى» دېدى.

ھۇجۇمنىڭ باشلانغىنىغا 100 كۈنگە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە غەززە ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەتتا بىر ئەسىرنىمۇ قۇتۇلدۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەنىييە،  ئەسىرلەرنى تىرىك قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش پىلانى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «بۇ نىشانلار پەلەستىن خەلقىنىڭ قارشىلىقى ۋە زېمىنىغا بولغان ساداقىتى سايىسىدا مەغلۇپ بولدى. ئۇرۇش جەريانىدا سىرتتا قالغان غەززەلىكلەر ئىچىگە كىردى، ئەمما غەززەدىكىلەر سىرتقا چىقىپ كەتمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر