ياۋروپا ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى قۇرۇش كېرەك

ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تايانى (Antonio Tajani) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقنى قوغداپ، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئارمىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2085519
ياۋروپا ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى قۇرۇش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تايانى «لاستامپا» (La Stampa) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فورزا ئىتالىيا پارتىيەسىنىڭ ياۋروپادا مۇداپىئە ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىن ھىندى-تىنچ ئوكيانغىچە بولغان رايونلاردا كىرىزىسلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەر بار بولغان دۇنيادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى ئۈچۈن «ئارمىيەسى» نىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر دۇنيادا تىنچلىق كۈچى بولۇشنى خالايدىغان بولساق، ياۋروپا ئارمىيەسىگە ئېھتىياجلىقمىز. بۇ كۈچلۈك ياۋروپا تاشقى سىياسىتىگە ئىگە بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق شەرتى. بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شەرت. ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى پەقەت ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان شەيئىي بىلەن، يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىلىقلا ئۆزىنى قوغدىيالىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئورنىغا، يالغۇز بىر ئىدارە قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر