فىرانسىيەدە كۆچمەنلەر قانۇنى ئۈستىدىن ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇلدى

فىرانسىيەدە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئەرز قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2080112
فىرانسىيەدە كۆچمەنلەر قانۇنى ئۈستىدىن ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە (LFI) پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئانتونىن لېئۇمېنت X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆكتىچىلەردىن «NUPES» ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن پارتىيەلەرنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

لېئۇمېنت بۇ قانۇندىكى نۇرغۇن ماددىلارنى بىكار قىلىدۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پارلامېنتتىكى ئوخشىمىغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى  ھەمبەھىرلىدى.

باياناتتا، كۆچمەنلەر قانۇنىدىكى نۇرغۇن ماددىلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، پارتىيەلەرنىڭ مەزكۇر قانۇننى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۈش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە سۇنغانلىقى، كۆچمەنلەر قانۇنىنىڭ ئوخشىمىغان ماددىلىرىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپى قاتارلىق  بىر قاتار ھەق - ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

فىرانسىيە پارلامېنتى 19 - دېكابىردا كۆچمەنلەر قانۇنىنى ماقۇللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر