رۇسىيە: ئەسكەر سانىمىزنى 1 مىليون 500 مىڭغىچە كۆپەيتىمىز

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ كەلگۈسىدىكى تاشقى تەھدىتلەرگە ماس ھالدا ئارمىيەدىكى ئەسكەر سانىنى 1 مىليون 500 مىڭغىچە كۆپەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2078746
رۇسىيە: ئەسكەر سانىمىزنى 1 مىليون 500 مىڭغىچە كۆپەيتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كېڭەيتىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، رۇسىيە پىرېۋزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە باشقا ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى لۇخانسك ۋە دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن بەش ھەسسە چوڭ بولغان زېمىن، رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. رېفېراندۇملارنىڭ نەتىجىسىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە چوڭلۇقى 83 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان 5 مىليون نوپۇسقا ئىگە يېڭى تۆت رايون كىرگۈزۈلدى. ئازاق دېڭىزىدا رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە تەۋەلىكى شەكىللەندۈرۈلدى»  دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىيۇن (2023) دا باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇملىرىدا ئېغىر زەربە يىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەر سانى 383 مىڭدىن ئاشتى. 14 مىڭ دانە تانكا ۋە ھەر خىل بىرونىۋېك، 553 ئايروپىلان، 259 تىك ئۇچار، 8 مىڭ 500 دىن ئارتۇق دالا زەمبىرىكى، مىنامىيوتلار پاچاقلاپ تاشلاندى. 1427 پولشالىق، 466 ئامېرىكالىق، 344 ئەنگلىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 5 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ياللانما ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. ئۇكرائىنادا 103 نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسى يوقىتىلدى.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆت ھەسسە كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 490 مىڭ نەپەر توختاملىق ۋە پىدائىي ئەسكەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى، ئارمىيەدە چەت ئەللىك «پىدائىي ئەسكەرلەر» سانىنىڭ يەتتە ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى، ياللانما ئەسكەرلەر سانىنىڭ بولسا ئالتە ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى، 650 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۇكرائىنادا «تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئەسكەر سانىنى 1 مىليون 320 مىڭغا چىقىرىش توغرىسىدىكى پەرمانى ئۈستىدە توختىلىپ: «كەلگۈسىدىكى تاشقى تەھدىتلەرگە ماس ھالدا ئارمىيەدىكى ئەسكەر سانى 1 مىليون 500 مىڭغىچە كۆپەيتىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر