فىلىپپىندە ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى «كابايان» سەۋەبىدىن 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

2078646
فىلىپپىندە ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن «كابايان» بورىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى «كابايان» دىن ئىلگىرى 22 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە رايوندا 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دائىرىلەر كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەن 35 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فىلىپپىن مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، بوراندىن كېيىن، داۋاۋ شەرق رايونىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر