ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنى بۈگۈنگە كېىچكتۈرۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە قارار لايىھەسىدە بۇ قېتىممۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.

2078170
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنى بۈگۈنگە كېىچكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغاچقا، قارار لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى ۋە غەززەگە يەتكۈزۈلىىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بېلەت تاشلىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.

ئەزا دۆلەتلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن سۇنۇلغان غەززە قارار لايىھەسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، لايىھەگە بېلەت تاشلاش يىغىنى بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش» دېگەن ئىبارىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەلىپى سەۋەبىدىن لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇلالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 8 - دېكابىرمۇ غەززەدە «ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، جىددىي ئۇرۇش توختىتىش»نى مەزمۇن قىلغان بىر لايىھەنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر