ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيەگە قارىتا ئالماس سودىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 – نومۇرلۇق ئېمبارگو پىلانى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

2076993
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى مۇزاكىرەلەر داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولار توغرىسىدىكى بۆلۈمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە تولۇق ھەم ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان 12 – نومۇرلۇق ئېمبارگو پىلانى ئالماس سودىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىلىرى، رۇسىيەنىڭ نېفىت كىرىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا مۇناسىۋەتلىك يوچۇقلاردىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.

تەپسىلىي مەزمۇنلىرى تولۇق ئاشكارىلانمىغان يېڭى ئېمبارگولار،  1-يانۋار (2024) دىن باشلاپ رۇسىيەدىن سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرمەيدىغان ئالماس ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر