ئىرانلىقلار ئۆمرەگە بارالايدۇ

تېھران بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن ئورنىتىلىشى بىلەن تەڭ ئىرانلىقلار ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرەگە بارالايدىغان بولدى.

2076511
ئىرانلىقلار ئۆمرەگە بارالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پۇقرالىرى 19-دېكابىردىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قەرەللىك ساياھەت قىلىشنى باشلايدۇ.

ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىراندىكى 10 ئايرودۇرۇمدىن ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئۆمرەگە بارىدىغان ئىرانلىقلارنى ئېلىپ مەككە شەھىرىگە قاتنايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2016-يىلدىن بۇيان ئىرانلىقلار ھەج ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارالايتتى. ئىرانلىقلار ئەمدى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆمرەگە بارالايدۇ.

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 2016-يىلى رىيادنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى بىر دىنىي ئالىمغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر