قاراتاغ ئىسلام بىرلىكى غەززەلىك بالىلارغا 120 مىڭ ياۋرو ياردەم قىلدى
قاراتاغ ئىسلام بىرلىكى غەززەلىك بالىلار ئۈچۈن 120 مىڭ ياۋروغا يېقىن مەبلەغ توپلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراتاغدىكى ئىسلام بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىفئەت فېجزىچ، پەلەستىننىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى رابى ئەلخانتۇلى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئىسلام بىرلىكىنىڭ ياردىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«قاراتاغدىكى ئىسلام بىرلىكى غەززەلىك بالىلار ئۈچۈن تەخمىنەن 120 مىڭ ياۋرو مەبلەغ توپلاپ، پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.»
رىفئەت فېجزىچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ: «تىنچلىقتىن باشقا تاللاش يوق» دېدى.
پەلەستىننىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى رابى ئەلخانتۇلى، قاراتاغدىكى ئىسلام بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىفئەت فېجزىچقا مىننەتدارلىق خېتى سۇندى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، ئىسلام بىرلىكىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«تاكى ئىسرائىلىيەگە دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنگە قەدەر، ئىسرائىلىيە پەلەستىن خەلقىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى توختاتمايدۇ ياكى پەلەستىندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بەرمەيدۇ.»