ب د ت غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسىنى 10 غا قارشى 153 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

2075940
ب د ت غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە «تىنچلىق ئۈچۈن بىر گەۋدىلىشىش» پىلانى دائىرىسىدە، غەززە رايونىدا دەرھال «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى، خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇشى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسى، 10 غا قارشى 153 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بېلەت تاشلاشتا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئاۋستىرالىيە بىلەن كانادا، بۇ قېتىم قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما 193 دۆلەتنىڭ 153 ى مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەن بولدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

غەززەدىكى ھۆكۈمەت، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار دىن تەشكىل تاپقان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 18 مىڭ 412 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 50 مىڭ 100 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر