ھىزبۇللاھ ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەربىي نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغان

ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسىرائىلىيەدىكى بىر ھەربىي نۇقتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2075732
ھىزبۇللاھ ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەربىي نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ ئىسىرائىلىيەنىڭ بىر ھەربىي نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەل مالىكىييەدىكى ھەربىي نۇقتىسىغا، «مۇۋاپىق قوراللار بىلەن» ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

لىۋان ن ن ئا (NNA) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇلىرى بەيت لىف ۋە راميا رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان. كەفرياتىر رايونى كۆكلىرىدە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارتلاپ، پارچىلىرى بىر ئاپتوموبىلغا چۈشكەن.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 8-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، 100 ھىزبۇللاھ ئەزاسى ۋە ئالتە ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن لىۋاندا 24 پۇقرا، ئىسىرائىلىيەدە بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر