بايدىن: ئىسىرائىلىيە بولمىغان بولسا، دۇنيادا بىر يەھۇدىيمۇ بىخەتەر بولالمايتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيەنى ھەربىي قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2075584
بايدىن: ئىسىرائىلىيە بولمىغان بولسا، دۇنيادا بىر يەھۇدىيمۇ بىخەتەر بولالمايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىسىرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت جو بايدىن يەھۇدىيلارنىڭ خانۇكا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسارايدا بېرىلگەن زىياپەتتە سۆز قىلىپ، «ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكادا كۈچىيىۋاتقان ئانتىسېمىتىزمنى ئەيىبلەيمەن» دېگەن.

ئۇ: «ھاماستىن قۇتۇلغىچە ئىسىرائىلىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەمما ئىنتايىن دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. پۈتكۈل دۇنيانىڭ چۈشەنچىسى بىر كېچىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ يۈز بېرىشىگە رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى.

ئۇ يەھۇدىيلار بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ تەۋرەنمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسىرائىلىيە بولمىغان بولسا، دۇنيادا بىر يەھۇدىيمۇ بىخەتەر بولالمايتتى. مېنىڭ يەھۇدىيلار جەمئىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى قىزغىن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەن <زىئونىست بولۇش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەن زىئونىست > دېگىنىمدە ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ۋە تەنقىدلەنگەن ئىدىم» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، كۆپىنچىسى كىچىك بالا 18 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر