ب د ت 12 - دېكابىر غەززە كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 12-دېكابىر مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

2075168
ب د ت 12 - دېكابىر غەززە كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ئومۇمىي كېڭەشتە يىغىن چاقىرىپ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى.

مىسىر ۋە ماۋرىتانىيە ۋەكىللىرى ئەرەب ئالاقە گۇرۇپپىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىرى سۈپىتىدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنى غەززە كىرىزىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى جەريانىدا، غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

بۇ قېتىمقى تەكلىپ لايىھەسىدىمۇ جۈمە كۈنى ئامېرىكا تەرىپىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىنغان لايىھەدىكىگە ئوخشاش  «ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش» ۋە «بارلىق ئەسىەرلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش» دېگەندەك ئىبارىلەر بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر