فىرانسىيە غەززەگە 600 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىدۇ

فىرانسىيە ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەگە 600 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىدۇ.

2073708
فىرانسىيە غەززەگە 600 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فىرانسىيەدە 9-نويابىر (2023) دا ئۆتكۈزۈلگەن «غەززە ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىنسانىي كونفېرانس» تا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

فىرانسىيەدە ئىنتېرنېت تورىدا، «غەززە ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىنسانىي كونفېرانس» تا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاترىن كولوننا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەلىكلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە ۋە ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززەدە دورا، سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رايوندا يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىىلش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، غەززەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈچۈن 2 مىليون ياۋرو قوشۇمچە فوند تەسىس قىلىنىدىغانلىقى، فىرانسىيەنىڭمۇ غەززەگە دېڭىز يولى ئارقىلىق 600 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر