ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ 41 دانە ئۇچقۇسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

ئۇكرائىنانىڭ 4-دېكابىر كېچە رۇسىيەنىڭ «شاھېد» ناملىق 41 دانە ئۇچقۇسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى، تۈنۈگۈن كېچە (5-دېكابىر) بولسا، بىر دانە «Su-24M » تىپلىق ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2073174
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ 41 دانە ئۇچقۇسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىغا قىرىمدىن ۋە رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدىن ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ 48 دانە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ بۇلاردىن 41 دانەسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قوماندانى نىكولاي ئولېشچۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا تۈنۈگۈن قارا دېڭىزدىكى يىلان ئارىلى ئەتراپىدا بىر دانە «Su-30SM» ئايروپىلانىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئودېسسا رايونىنىڭ جەنۇبىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشتىن باشقا، بومباردىمان قىلماقچى بولغان «Su-24M » تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ: «رۇسىيە ئايروپىلانى ئودېسسا رايونىنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇۋاتاتتى. ئودېسسا رايونىدا ھاۋا مۇداپىئەمىزنى ئاستا-ئاستا، ئەمما كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىۋاتىمىز. بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزغا ياردەم قىلغان بارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر