ئامېرىكا سۇدانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا «سۇداننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن سۇداننىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

2072622
ئامېرىكا سۇدانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، چەت ئەل مۈلكىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سۇداننىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى تاھا ئوسمان ئەھمەد ئەلھۇسەيىن، ھۆكۈمەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سالىھ ئابدۇللا مۇھەممەد سالىھ ۋە سابىق باش ئەلچى مۇھەممەد ئەتتا ئەلماۋلا ھەققىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، سۇداننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن مەزكۇر كىشىلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جازانىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇداندىكى توقۇنۇشنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە ئېمبارگولارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ سۇداننى پۇقراۋى ھۆكۈمەت ۋە دېموكراتىيەگە ئۆتكۈزۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىستىخبارات ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى برايىن نېلسون بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا توقۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇدان خەلقىنى سۈيىئىستېمال قىلماقچى بولغانلارغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر