قاتار: ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مۇرەسسەچىلىكنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» كېيىن، ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

2072166
قاتار: ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مۇرەسسەچىلىكنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئالسانىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، ئىسىرائىلىيە قورشاۋى ۋە ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززەنى ئۆز ئىچىگە ھالدا ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانى غەززەدە يەنە «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» ئۈچۈن شېرىك دۆلەتلەر بىلەن مۇرەسسەچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى بۇ تىرىشچانلىقلارنى قىيىنلاشتۇرۇپ، رايوندىكى بالايىئاپەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانى ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن غەززەگە بىخەتەر كارىدورلارنىڭ ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، 15 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر