ۋېنگىرىيە: ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلىشىنى قوللىمايمىز

ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلاش تەكلىپىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2071429
ۋېنگىرىيە: ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلىشىنى قوللىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى گېرگېلى گۇلياس پايتەخت بۇداپېشتتا بايانات بېرىپ، «ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان بىر دۆلەت» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى ئۈچۈن رەسمىي سۆھبەت باشلاشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ دۆلىتىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان «سۆھبەتلەرنى باشلاش» تەكلىپىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«نۆۋەتتە بىز ناھايىتى بالدۇر سۇنۇلغان بىر تەكلىپكە دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن گۇلياس، ۋېنگىرىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىتتىپاققا كىرىش مۇساپىسىنى باشلاشقا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى «ئورتاق قارار»غا ئاۋاز قوشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ كىيېۋغا 50 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر