28-قېتىملىق ب د ت مۇھىت كېلىشىمى تەرەپلەر كونفېرانسى باشلاندى

ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇھىت كېلىشىمى 28-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى (COP28) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2071180
28-قېتىملىق ب د ت مۇھىت كېلىشىمى تەرەپلەر كونفېرانسى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «WAM» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇھىت كېلىشىمى 28-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى دۇبەي يەرمەنكە شەھەرچىسىدە باشلانغان بولۇپ، 12-دېكابىر (2023) غىچە داۋاملىشىدىكەن. ئەرەب بىرلەشمە خىلىپىلىكى نۆۋەتچى رەئىسى كونفېرانسقا، 180 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن.

ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇھىت كېلىشىمى تەرەپلەر كونفېرانسى بىر يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنى مۇزاكرە قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر