ئىسرائىلىيە - ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ھاسىل قىلىنغان تۆت كۈنلۈك ۋە  كېيىن يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلغان «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمى 6 - ۋە ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى.

2070664
ئىسرائىلىيە - ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ كېلىشىم دائىرىىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا بىنائەن يەنە 30 نەپەر پەلەستىنلىك ئايال ۋە كىچىك بالا ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى. غەززە رايونىدا بولسا، 10 ئىسرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالىلار بىلەن 4 تايلاندلىق ئەسىر خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا 24 – نويابىردا غەززەدىكى ئۇرۇشنى  تۆت كۈن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئتوختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان ۋە بۇ كېلىشىم كېيىن 2 كۈن ئۇزارتىلغان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7 - ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ۋەئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشتا  كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 16 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر