غەززەدە «ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش»نىڭ  مۇددىتى يەنە ئۇزارتىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشۇشقا بىر قانچە مىنۇت قالغاندا ئېلان قىلغان باياناتىدا،  مۇددەتنىڭ يەنە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2070788
غەززەدە «ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش»نىڭ  مۇددىتى يەنە ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رايونىدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» نىڭ يەنە قانچە كۈن ئۇزارتىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

باياناتتا: «مۇرەسسەچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاساسەن، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش داۋاملىشىدۇ ۋە رامكا كېلىشىمىدىكى شەرتلەرگە بىنائەن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىش داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھاماسنىڭ ئېلان قىلغان  يازما باياناتىدا  «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» نى يەنە بىر كۈن ئۇزارتىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقان قاتارمۇ باياناتىدا، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» نىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جەزشملەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر