گۇتېررېس: «ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش تۇرۇش» كېلىشىمىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2070232
گۇتېررېس: «ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئافرىقا بىرلەشمىسى كومىتېتى باشلىقى مۇسا فاكى ماھامات بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

گۇتېررېس غەززەدە «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «<ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش> كېلىشىمى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تاشلانغان بىر قەدەم ئىدى. ئۇ ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولغان ئىدى، ئەمما ئۇ بىز دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى» دېدى.

گۇتېررېس ئەسىرلەرنىڭ شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززە خەلقىگە ئىزچىل يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس يەنە، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش> ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، ھۇجۇملىرىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ئۇچۇرىدا، «مېنىڭ ئۇچۇرۇم ئىنتايىن ئوچۇق. بىز ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشىغا ئېھتىياجلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر