غەززەدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» مۇددىتى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلدى

قاتار غەززە رايونىدىكى «تۆت كۈنلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» مۇددىتىنى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2069597
غەززەدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» مۇددىتى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىجىت ئەل ئەنسارى ئېكس (X( ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» مۇددىتىنى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماسمۇ تېلېگرامما ئادرېسىدىكى باياناتىدا، قاتار ۋە مىسىر بىلەن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» مۇددىتىنى ئوخشاش شەرتلەر ئاستىدا يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كىرىشى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت كۈنلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش»  كېلىشىمى جۈمە كۈنى (24-نويابىر) ئەتىگەندە ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر