كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى غەززەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىن تەركىب تاپقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرى غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سىنلىق جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.

2066769
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى غەززەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى جەنۇبىي ئافرىقا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سىنلىق جىددىي يىغىن ئۆتكۈزىدىغان رەھبەرلەر، 1-يانۋاردىن باشلاپ گۇرۇپپىغا رەسمىي ئەزا بولىدىغان  ئارگېنتىنا، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئېفىيوپىيە رەھبەرلىرىنىمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسمۇ تەكلىپ قىلىنغان يىغىندا، رەھبەرلەرنىڭ بىرلەشمە باياننامەنى ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر