ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۈگۈن كېچىمۇ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2065886
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئىشغالچى كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى خان يۇنۇستىكى پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان بىنالارنى ئارقا – ئارقىدىن بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 26 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان.

جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرى بىلەن ئەلمەغازى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى چوڭ جامەمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيە 1980-يىلىدىن بۇيان ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتقان غەززەدىكى بىردىنبىر دوختۇرخانا بولغان — ۋافا دوختۇرخانىسىمۇ بومباردىمان قىلدى.

ھۇجۇمدا دوختۇرخانا باشلىقى مىدھات مۇھەيسىن ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەزى دوختۇرلار بىلەن بىر قىسىم بىمارلار يارىلاندى.

غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى تۇباس شەھىرىدە بىر پەلەستىنلىك ياش تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى نابلۇستىكى بالاتا مۇساپىرلار لاگېرىغا جايلاشقان فەتھ ھەرىكىتى مەركىزىگە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى؛ ۋەقەدە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس قىممەتلەرنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان 310 دىن ئارتۇقى ئەسكەر بولۇپ، 1200 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 5132 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى توقۇنۇشلاردا 51، لىۋان چېگراسىدا 6 بولۇپ، جەمئىي 372 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، قەسسام بىرىگادىسىنىڭ قولىدا 239 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا، غەززەدە 5 مىڭى كىچىك بالا ۋە 3000 مىڭى ئايال بولۇپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستىكى ھۇجۇملىرىدا 212 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ 8 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى توقۇنۇشلىرىدا 76 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، ئالتە ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر