ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى 12-قېتىملىق ئېمبارگوسىنى يۈرگۈزىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگو پىلان لايىھەسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 15-نويابىر ئېچىلىدىغان يىغىنىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يىغىندىن كېيىن، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدۇ.

2064213
ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى 12-قېتىملىق ئېمبارگوسىنى يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگو پىلان-لايىھە ئۈستىدە توختىلىپ: «12-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقتىمىز. پىلاندا، قارا تىزىملىكنىڭ كېڭەيتىلىشى، رۇسىيە ئالمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارغا ئېكىسپورت چەكلىمىسى قويۇش، نېفىتتا باھا بېكىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تەدبىرلەرنى چىڭىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئېكىسپورت چەكلىمىلىرىنىڭ سۇۋاركا ماشىنىلىرى، خىمىيەلىك ماددىلار، مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ۋە يۇمتاللار توغرىسىدا يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، ئىمپورت چەكلىمىلىرىنىڭ بولسا، مېتاللار، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى، قاتناش ۋە توشۇمىچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان مالزىمىلەر بىلەن رۇسىيە ئالمىسىغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگولىرىنىڭ نىشانى، رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارغا ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، رۇسىيە بۇ دۆلەتلەردىن قورال ياساش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان پارچىلار، تېخنولوگىيە ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر