ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن «توسالغۇسىز» سودىنى نىشان قىىلماقتا

ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبېنىسى (Antony Albenese) خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، خىتاي بىلەن «ئەركىن ۋە توسالغۇسىز سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى چاقىرق قىلدى.

2061784
ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن «توسالغۇسىز» سودىنى نىشان قىىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت بولغان ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبېنىسى سەيشەنبە (6-ئاپرېل) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلايدىغان ساھەلەر قاتارىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

ئانتونى ئالبېنىسى ئاۋستىرالىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، گېئوئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ «دىيالوگ ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ئارقىلىق» ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر يولغا قويغان رەسمىي تاموژنا بېجى ۋە غەيرىي رەسمىي سودا توسالغۇلىرى ئاۋستىرالىيە ئېكسپورتچىلىرىغا نىسبەتەن كۆمۈر، ئۈزۈم ھارىقى، كالا گۆشى، ئارپا ۋە قىسقۇچپاقا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدا يىلىغا 20 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى (13 مىليارد دوللار) زىيان كەلتۈرگەن ئىدى.

خىتاي بىلەن ئاۋستىرالىيە يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سىگناللارنى بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر