سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىككى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

2061938
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن ئېچىش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر چاقىرىققا ئاساسەن ئېچىلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پەۋقۇلئاددە يىغىنى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىلىرىدا، غەززەدىكى كىرىزىس ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەرلىك تەسىرنىڭ مۇزاكىرە  قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان  باياناتتا، رايوندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەرەب – ئافرىقا شېرىكچىلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئەرەب - ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ساھىبخانلىق قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 11- نويابىر شەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ 12- نويابىر يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ، غەززەدە «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلار جەريانىدا ھازىرغىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر