خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» نى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى پەلەستىن ئۈچۈن «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرقىدا بولدى.

2060910
خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» نى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارا دائىمىي كومىتېتى، ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان پەلەستىن ئۈچۈن «دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشى» نى چاقىرق قىلدى.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارا دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، غەززەدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ قورشاۋ ئاستىدا قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىغا ئىېرىشىشتىن مەھرۇم ئىكەنلىكى، رايوندىكى ئۆي – ماكانلار، پاناھ جايلار ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.

غەززەدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ «تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، تەرەپلەردىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىكى بارلىق مەجبۇرىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«پەلەستىندە <دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش> قا ئېھتىياجىمىز بار، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانىغا 30 كۈن بولدى، بۇ ئۇرۇش ئەمدى قەتئىي ئاخىرلىشىشى كېرەك.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر