ئىسرائىلىيە غەززەدە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 59 نەپەر ب د ت خادىمىنى  ئۆلتۈردى

ب د ت غەززە رايونىدا 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە خىزمەت قىلىش ئورگىنى «UNRWA» نىڭ 59 نەپەر خادىمىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2057516
ئىسرائىلىيە غەززەدە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 59 نەپەر ب د ت خادىمىنى  ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ب د ت ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە خىزمەت قىلىش ئورگىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ئېكس (X) تا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، غەززە رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان  خادىملىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان «UNRWA» نىڭ 59 نەپەر خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «ئۆلتۈرۈلگەن دوستلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ب د ت ۋە <UNRWA> ئۈچۈن كۈنلەر تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىۋاتىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، غەززەدىن ھەر سائەتتە «تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب – ئوقۇبەت خەۋەرلىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزەددىن ئەلقاسھام بىرىگادلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززە رايونىغا كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى غەززەدىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا 311 ئەسكەرنى قوشقاندا، جەمئىي 1400 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 5132 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا  3342 كىچىك بالا ۋە 2262 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي  قازا قىلغانلارنىڭ سانى 8005 كە يەتكەن، 20 مىڭ 242 كىشى يارىلانغان.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىي قوراللىق كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 113 پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، 1900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى سەۋەبىدىن غەززەدە 34 مۇخبىر ۋە  لىۋاندا بىر مۇخبىر جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر