غەززەگە رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن سەككىز يۈك ئاپتوموبىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىردى

غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان سەككىز يۈك ئاپتوموبىلى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن كىردى.

2055428
غەززەگە رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن سەككىز يۈك ئاپتوموبىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سەككىز يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەركىب تاپقان تۆتىنچى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنىڭ مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەفاھ چېگرا دەرۋازىسىدا كۈتۈۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەش دانىسىدە سۇ، ئىككىسىدە يېمەك-ئىچمەك ۋە بىرسىدە دورا بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋائىل ئەبۇ مۇھسىن 23 -ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، 20 ئاپتوموبىلدىن تەركىپ تاپقان «ئۈچىنچى» ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززەگە كىرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

تۇنجى ياردەم ئەترىتى 20 يۈك ئاپتوموبىلى، ئىككىنچىسى 14 يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۈنۈگۈن (23-ئۆكتەبىر) كى ئەترەت بىلەن جەمئىي غەززەگە كىرگەن ياردەم يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 62 گە يەتتى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىردە (2023) ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن سىرت قوراللىق گۇرۇپپىلار ئولتۇراق رايونلارغىچە بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن تۇقۇتۇشلاردا، ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر