غەززەدىكى توقۇنۇشلاردا 16 ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى (IFJ) ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشى باشلانغان 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 16 مۇخبىرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2053995
غەززەدىكى توقۇنۇشلاردا 16 ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىكى ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

باياناتتا «داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 16 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، نۇرغۇن مۇخبىرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى» قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بىر ژۇرنالىست بىلەن فوتوگراف مۇخبىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى يەنە، توقۇنۇش ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ژۇرنالىستلارنى «زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا، بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تاقاشقا ۋە ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىمىسىلا، توقۇنۇش مەيدانىغا كىرمەسلىككە» چاقىردى.

بىرلەشمىنىڭ ئىلگىرىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 13 مۇخبىرنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر