ئىسپانىيە  تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

ئىسپانىيە  تاراتقۇلىرى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مادرىد زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

2152565
ئىسپانىيە  تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېزىيە شىركىتى (RTVE) جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېزنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ كۈنتەرتىپىنى غەززە مادداسى ۋە مادرىدنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى تەشكىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹El Pais› گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ABC› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مادرىد زىيارىتىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ زىيارەت دائىرىسىدە ئىقتىسادىي ۋە سودا دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ، تۈركىيە – ئىسپانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى يازدى.

مەركىزىي مادرىدقا جايلاشقان ئاخبارات ۋاستىسى «20 مىنۇت» مۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە، بۇ زىيارەتنىڭ ئىسپانىيە ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە ئافرىقادىكى نوپۇزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسپانىيەنىڭ بۇ رايونلارغا يۈزلىنىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر