ئابدۇللاھيان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غەززە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پەۋقۇلئاددە  يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جىددىگە يېتىپ بېرىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن كۆرۈشتى.

2052791
ئابدۇللاھيان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھيان ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا ھۇجۇمى قاتارلىق غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ۋە بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئىسرائىليە مەسئۇللىرىنىڭ خەلقئارا مەھكىمىلەردە  سوتلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە قانۇن گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى  نېفىت ئېمبارگوسىى يۈگۈزىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولۇق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش» كە شۇنداقلا ئىسرائىلىيە باش ئەلچىلىرىنى دۆلەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىىنى توختىتىش ئۈچۈن  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە  بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەممىگە ئوچۇق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۈگۈن جىددەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 500 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر