خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

2052497
خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئۇ يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان دوختۇرخانا ھۇجۇمىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. قۇربانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن. دوختۇرخانىلار ۋە سەھىيە خادىملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ قوغدىشى ئاستىدا» دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن، غەززەدىكى ئەلئەھلى باپسىت دوختۇرخانىسى ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن (18-ئۆكتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 10.00، ئەنقەرە ۋاقتى 17.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20.00 دە توپلىنىدۇ.

پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر نىيۇ يوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئەرەب گۇرۇپپىسى نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسىرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر جازاغا تارتىلىشى كېرەك. ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، تۈنۈگۈن توقۇنۇشنى توختىتالىغان بولسا خەلقىمىزگە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈلمىگەن بولاتتى، 500 كىشى بىز بىلەن بىللە بولاتتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەمدى ئويغىنىشى كېرەك. ب د ت نىڭ بۇ جىنايەتنى ئەيىبلەش بىلەنلا قالماي، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئەرەب ئىتتىپاقىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپسىت دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن بايرىقىنى يېرىم چۈشۈردى ۋە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۈزلەرچە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپسىت دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «تەشكىللىك دۆلەت تېررورلۇقى» دەپ ئاتىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىسىغا قىلغان قەتلىئامىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن (2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر) كەچتە غەززەدىكى ئەلئەھلى باپسىت دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 500 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر