پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە قۇم بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە كۆرۈش مۇساپىسىغا ۋە ھاۋا تېمپېراتۇراسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قۇم بورىنى سەۋەبىدىن ئاسمان سېرەق رەڭگە ئۆزگەردى.

2051164
پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە قۇم بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بېلۇچىستاننىڭ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇشقى، چاغاي، چەمەن، پىشىن، قىللا ئابدۇللاھ ۋە گۈلىستان رايونلىرىدا قاتناش توختاپ كەتتى.

كۇۋەيتا-چەمەن تاشيولىدا كۆرۈش مۇساپىسى نۆلگە چۈشۈپ قالدى.

سائەتلىك سۈرئىتى 65 كىلومېتىرغا يەتكەن بوران سەۋەبىدىن خەلق تۇرمۇشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر