ئەنگىلىيە پۇقراسى كرىستىنې دراك: «خەلقئارا ئاخباراتلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاقچلىرىدۇر»

كىرىستىنا دىراك خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئوينىغان رولىنى تەنقىد قىلىپ، «خەلقئارا ئاخباراتلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاقچلىرىدۇر. ئۇلار  (ئىسرائىلىيە) نېمە دېيىشنى خالىسا، خەلقئاراغا شۇنى دېيىشىدۇ» دېدى.

2050923
ئەنگىلىيە پۇقراسى كرىستىنې دراك: «خەلقئارا ئاخباراتلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاقچلىرىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىندە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىدائىيسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە پۇقراسى كرىستىنې دراك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىيەتتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان قانلىق ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق دولقۇنى ئىچىدە، بارلىق خىيىم - خەتەرلەرگە ۋە يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي پەلەستىنلىكلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ئەنگىلىيەلىك ئايال ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

كىرىستىنا دىراك 45 يىلدىن بۇيان پەلەستىننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 8 يىلدىن بۇيان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پەلەستىنگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

كىرىستىنا دىراك «غەززە-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى» نىڭ راماللاھقا ياردەم پىدائىيسى بولۇپ كەلگەن چېغىدىلا باشلانغانلىقىنى  ئەسكەرتىپ، «پەلەستىننىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قانۇنسىز بىر ئىشغالدۇر. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھېچقانداق ھەق - ھوقۇقلىرى يوق، ئادالەتمۇ يوق، پۇقرالار ئەركىنلىكىمۇ يوق. پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسى يوق. بۇ رەھىمسىز ۋە خەتەرلىك بىر جاي، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتى ھەر كۈنى قانۇنسىز ئىشغالچىلارنىڭ قارارى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ» دېدى.

كىرىستىنا دىراك ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ئوينىغان رولىنى تەنقىد قىلىپ، «خەلقئارا ئاخباراتلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاقچلىرىدۇر. ئۇلار (ئىسرائىلىيە) نېمە دېيىشنى خالىسا، خەلقئاراغا شۇنى دېيىشىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، بۇ يەرنىڭ ئىسمى پەلەستىن ۋە پەلەستىنلىكلەر ياشايدىغان جايدۇر» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسسام  بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر