ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ھىزبۇللاھى ئوتتۇرىسىدا كەسكىنلىكلەر كۈچىيىپ كەتكەن ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2190718
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ھىزبۇللاھى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىنلىك كۈچىيىپ كەتكەن بولغاچقا، ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پېنتاگون باياناتچىسى پاترىك رايدېر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «ئېھتىياتى تەدبىر سۈپىتىدە، نۆۋەتتە رايوندىكى ئەسكەرلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاز ساندا قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي خادىمىنى ئەۋەتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ قەيەرگە قانچىلىك ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا: «ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەلۇم تەپسىلاتلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايمىز ياكى ئۇچۇر بەرمەيمىز» دېدى.

نۆۋەتتە رايوندا ئامېرىكانىڭ تەخمىنەن 40 مىڭ ئەسكىرى بار.

غەززەدە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھاماسقا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە، لىۋان ھىزبۇللاھىمۇ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر