غەرب ئاخباراتلىرى يالغان خەۋەرلەر بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا

غەرب ئاخباراتلىرى يالغان خەۋەرلەر بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستدىكى پەلەستىن زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا.

2050919
غەرب ئاخباراتلىرى يالغان خەۋەرلەر بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: غەربتە يالغان خەۋەرلەر ۋە ئەيىبلەشلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن تارقالماقتا، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسالى ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى <CNN> دە كۆرۈلدى.

<CNN> ئىسرائىلىيەنىڭ «ھاماس بوۋاقلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ» دېگەن يالغانلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەتتا بۇ يالغانلىرىنى نەخ مەيدان پروگراممىسىدا ئاڭلاتتى. <CNN> مۇخبىرى سارا سىدنېر بۇ خەۋەردىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى.

سىدنېر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ بۇ يالغانلارنى نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقاندا ئۆزلىرىگە يوللاپ، قايمۇقتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مەن ئىشلەتكەن سۆزلىرىمدە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى، كەچۈرۈڭلار» دېدى.

ئەنگىلىيەنىڭ «تايمىس گېزىتى» مۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر يالغىنىنى خەۋەر قىلدى.  ئەمما بوۋاقلارغا دائىر ھېچقانداق رەسىمنى ھەمبەھىرلىمىدى. گەرچە رەسىملەر «سەزگۈر» بولغانلىقتىن ھەمبەھىرلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يەنە شۇ قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق خاتا ماتېرىياللارنى  ئىشلىتىپ، غەززەدە يارىلانغان كىچىك بالىلارنىڭ رەسىمىنى قوللاندى.

ئەنگىلىيەلىك ژۇرنالىست ۋە رېژىسسور ھاررىي فېر غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى خەۋەر قىلغاندا تەرەپ تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ خەۋەر نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا غەرب خەلقىدە <بۇنى توختىتىش كېرەك> دەيدىغان بىر قاراش يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسسام  بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر