ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 18 - ئۆكتەبىر پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىدۇ

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 18- ئۆكتەبىر پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان غەززەنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

2050879
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 18 - ئۆكتەبىر پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، تەشكىلاتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، «غەززەدىكى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلغان جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى»نى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يىغىننىڭ 2023- يىلى 18- ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى باش كاتىباتلىق باشقارمىسىدا ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ھىزبۇللاھقا تەۋە بىر ئورۇننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر