ناتو يادرو مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر كېلەر ھەپتە «خاسىيەتلىك چۈش» ناملىق يادرو مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ.

2050456
ناتو يادرو مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى ناتونىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا ئوينايدىغان مۇھىم رولىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلەتمەكتە.»

ستولتېنبېرگ ناتونىڭ ھەر يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان دائىملىق يادرو مانېۋىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئىتالىيە، كىرودىيە ۋە ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، بۇ مانېۋىرنىڭ ناتونىڭ يادرو جەھەتتىكى تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ستولتېنبېرگ «خاسىيەتلىك چۈش» ناملىق يادرو مانېۋىرى ئارقىلىق ناتونىڭ بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قوغداپ، مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى توغرىلىق روشەن سىگنال بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ناتونىڭ «خاسىيەتلىك چۈش» ناملىق يادرو مانېۋىرىغا، كۆپ ساندا كۈرەشچى ئايروپىلانلار،  رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى، ماي ​​پاراخوتلىرى، شۇنداقلا «B-52» تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

«خاسىيەتلىك چۈش» ناملىق يادرو مانېۋىرى ھەر يىلى ناتوغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر